يېقىندا قازاقىستاندا ئولتۇرۇشلۇق بىر قازاق ئائىلىسى ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىپ، يۇرتى-موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغان.
قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق قازاق پۇقرالىرىنىڭ جۈمە كۈنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىىگە بىلدۈرۈشىچە، نۇرغوجا تىكەش ئىسىملىك بۇ قازاق كىشى ئايالى بىلەن چوڭلارنى ئېلىپ موڭغۇلكۈرەگە تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا بارغاندا ئائىسىدىكى 4 كىشىنىڭ ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنغان.
قازاقىستان گراژدانلىقىغا ئۆتكەن بىر قازاق ئايال جۈمە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا نۇرغوجا تىكەش ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ 16-ئۆكتەبىر تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يۇقىرىقى ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ قوشنىسىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، نۇرغوجا تىكەش يۈك ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ مېڭىپتىكەن. ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئىككى كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىمىز، دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېتىپتىكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى 4 كىشىنىڭ ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى ئالمۇتادا قالغان ئىدى،» دېگەن.
نۇرغوجا تىكەشنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. مەزكۇر ئۇچۇر موڭغولكۈرە يەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بېرى قازاقىستان گراژدانلىقىغا ئۆتكەن ياكى قازاقىستاننىڭ يېشىل كارتىسىنى ئالغان قازاقلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىدىن كەتكەن، قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق قازاقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىدا قازاقىستانغا دائىر ماتېرىياللارنى ساقلىغان ياكى قازاقىستانغا كۆچۈشنى مۇنازىرە قىلغان نۇرغۇن قازاق پۇقرالىرى تۇتقۇن قىلىنغان. دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارغا قاراتقان خىتايلاشتۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتكەن.
خىتاي دائىلىرى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزلىرى» نى قۇرۇپ، يەرلىك خەلق ئىچىدىكى دىنىي ۋە مىللىي تونۇشى روشەن بولغان مىڭلىغان كىشىنى ئىدىيەسىدىكى ئاتالمىش «ئەسەبىيلىك» نى تۈگىتىش نامىدا بۇ مەزكەزلەرگە قامىغان. لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى دەرھال تاقاپ، بۇ يەردىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.