ئۇيغۇر دائىرىلىرىنىڭ رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنىدە خىتاي مەدەنىيەت بايرىمىنى تەشۋىق قىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

26-ماي باشلانغان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇقەددەس ئېيى رامىزان بۇ يىل خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايرىمى «زۇڭزا يېيىش» يەنى خىتاي رىۋايەتلىرىدىكى چۇ بەگلىكى ئۆلىماسى چۈييۈەننى خاتىرىلەش بايرىمىغا توغرا كەلدى.

ئۇيغۇر رايونى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بىرنەچچە كۈندىن بۇيان «ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق كەيپىياتتا زۇڭزا يەپ بايرامنى كۈتۈۋالدى» دېگەندەك خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى باستۇرۇلۇپ، روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇشى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. فېيسبوك، ۋاتسئاپ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە بولسا تەنقىدكە ئۇچرىدى.

تەنقىدلەردە، بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلىدە دائىرىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى روزا تۇتماسلىق، رېستورانلارنى تاقاشقا رۇخسەت قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشلىرىنى تارقاتقاندىن باشقا، خىتاي مەدەنىيىتىگە خاس بولغان ئەنئەنىۋى بايراملارنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىش، رامىزان مەزگىلىدە مىللىي ئىتتىپاقلىق پائالىيەتلىرى نامىدا ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن بىرلىكتە تاماق يېيىشكە زورلاش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى روزا تۇتۇشتەك مۇسۇلمانلىق پەرھىزلىرىنى ئادا قىلىشتىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەندى.

زۇڭزا بايرىمى خىتاي رىۋايەتلىرىدە، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ سىمۋولى دەپ مەدھىيىلىنىدىغان چۈييۈەننىڭ ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرام.