رامىزان مەزگىلىدە يەكەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپ دىنىي ئېتىقاد بۇزغۇنچىلىقى دەپ ئەيىبلەندى

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 20-ئىيۇندىكى سانىدا 11-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى چۈش مەزگىلىدە يەكەن بازىرىدا چوڭ تىپتىكى مۇقام-مەشرەپ پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، 60-70 ياشلاردىكى مويسىپىتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە مىڭ ئۇيغۇر يەكشەنبىلىك بازار دا مۇقام-مەشرەپ پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. چۈش مەزگىلىدىكى يەكشەنبىلىك بازاردا مېۋە-چېۋە، كاۋاپ-ئاش لەڭپۇڭ، مۇزدەك سۇ-دوغاپ سېتىۋاتقان باققاللارنىڭ ئاۋازى ئارىسىدا مەيدانغا توپلانغان ئادەملەر مۇقام ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينىغان. مۇخبىر بايانىدا شۇ كۈنى بازاردا مەشرەپ پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ چىڭ چۈش مەزگىلىدە ئىچكەن مۇزدەك سۇ-دوغاپ ۋە يېگەن مېۋىلىرىدىن چەكسىز ھۇزۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يەكەن ناھىيىسىدە، مۇسۇلمانلار بىر ئايلىق روزا تۇتۇۋاتقان رامىزان مەزگىلىدە بۇ خىل چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى سەنئەت پائالىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاپ ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇدىرى، دىنىي ئۆلىما تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رامىزان مەزگىلىدە مۇقام-مەشرەپ ئۆتكۈزۈش قىلمىشى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي غۇرۇرىغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت. تۇرغۇنجان ئەپەندى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي باستۇرۇلۇشقا جىددىي دىققەت قىلىشقا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا قىلىنىۋاتقان بۇ خىل بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى توسۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىخلاس بىلەن روزا تۇتۇۋاتقان ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا، يەكەندە ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ناخشا ئېيتىشقا، ئۇسۇل ئويناشقا سېلىنىۋاتىدۇ. مەجبۇرىي سۇ ئىچكۈزۈلۈپ روزىسى بۇزۇلۇۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بۇ ئەھۋاللارغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى باستۇرۇلۇۋاتقان رېئال ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەيىبلىشى زۆرۈر!»