ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىگە يول قويۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۇ سۆزنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا روزىنى چەكلىگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر ھەققىدە سورالغان بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن.

«مالىيە ئېكسپرەس» ناملىق گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي دائىرىلىرىنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ۋە شۇنداقلا خىتاي خەلقئارادا ئۈستىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىگە ئاساسەن پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىمىز.»

ئۇ يەنە، «دىنىي ئەركىنلىك تىنچ، ھەر تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مۇقىم ۋە تەرەققىي قىلغان جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئامىل» دېگەن.

خەلقئارا ئاخبارات، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە بەزى يەرلىك ئاھالىلەر ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىلمۇ كادىرلار، ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەنگەنلىكىنى، بەزى يېزا-كەنتلەردە يەرلىك كادىرلارنىڭ ئەتىگەندە سوغۇرغا قوپقان ئائىلىلەرنى تەقىب قىلىش ئەھۋالى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئىبادەت ۋە روزىنى چەكلىگەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چاقىرىقى پاكىستاننىڭ 4 كىشىلىك دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىدا روزا تۇتۇش چەكلەنگەن-چەكلەنمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بۇ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.