20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا دۇنياۋى ئەسەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان «1984» رومانى ئەنگلىيەلىك يازغۇچى جورجى ئورۋېلنىڭ قەلىمىدە 1949-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، روماندىكى تەسەۋۋۇرغا تويۇنغان ھاكىممۇتلەق جەمئىيەت ھەمدە ئۇنىڭدا ئومۇملاشقان مىسلىسىز زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىكنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى يېقىندىن بۇيان يېڭىۋاشتىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.
ئەنگلىيەدىكى چوڭ سىياسىي گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «يېڭى باياناتچى» گېزىتىدە 29-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا بۇ ھال تەپسىلىي شەرھلەندى. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشى ھەمدە پۈتكۈل بۇلۇڭ-پۇچقاقنى قاپلىغان نازارەت سىستېمىسى نەق «1984» رومانىدىكى دىستوپىيەلىك جەمئىيەت تەسۋىرىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. يەنە كېلىپ بىر قىسىم شاھىتلارنىڭ بايانلىرى رېئاللىقنىڭ ھەقىقەتەن ئاشۇ روماندا تەسۋىرلەنگەندىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن يېقىنقى مەزگىللەردە ئەنگلىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار، جۈملىدىن پارلامېنت ئەزالىرىدىن جون مەكدوننېل، ئىيان سىمىت قاتارلىقلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خىتاينى ئەيىبلىشىگە تېزدىن ئاۋاز قوشقان.
ئۆتكەن يىگىرمە يىل مابەينىدە كۆپ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتكە بېرىپ-كېلىۋاتقان ئالىملاردىن يېڭى كاسل (قەلئە) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جوئاننا سىمىس خانىممۇ 2018-يىلى ئاخىرقى قېتىم ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «1984» رومانىنى قايتىدىن ئوقۇپ چىققان ھەمدە ئۆزى كۆرگەن رېئاللىقنىڭ ھەقىقەتەن روماندىكى تەسۋىرلەر بىلەن ئوخشاپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ «خىتاينىڭ غەربىدە بولۇۋاتقان ئىشلار جورجى ئورۋېل يازغان ‹1984› ناملىق روماننىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. بولۇپمۇ روماننىڭ خاتىمە قىسمىدا باش قەھرىمانىغا ئېيتىلغان «بىز سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭنى سىقىپ قۇپ-قۇرۇق قىلىپ قويىمىز، ئاندىن ئۇنى ئۆزىمىزگە خاس نەرسىلەر بىلەن تولدۇرىمىز،» دېگەن بايانلىرى ئۇنىڭغا لاگېرلاردىكى ئەھۋالنى ئەسلەتكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، جورجى ئورۋېل بۇ روماننى يېزىشتا ستالىن ھوقۇق تۇتقان مەزگىللەردە داۋام قىلغان «زور تازىلاش» ھەرىكەتلىرىدىن ئىلھاملانغان. شۇ ۋاقىتلاردا ستالىن ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى تروتىسكىي ۋە باشقا «ئەكسىلئىنقىلابىي» گۇرۇھلارغا باغلاپ سوۋېت دىكتاتورىسى ئارقىلىق يوقاتقان. مەزكۇر رومان نەشردىن چىقىپ ئارىدىن تۆت ئاي ئۆتكەندە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ھەمدە «پىكىر ئىنقىلابى» نىڭ دەسلەپكى پەردىسى ئېچىلغان. ئەمما بۇ چاغدا ئاللىقاچان ستالىنچە «پىكىر ئىنقىلابى» نى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەھكەم پارتىيە ئىستىلىغا ئايلاندۇرۇپ بولغان خىتاي كومپارتىيەسى ستالىن دەۋرىدىكى ئەندىزىنى ئاساسلىق مەنبە قىلغان ھالدا سىياسىي كۈرەشلەرنى داۋام قىلغان. بۇ ھال بولسا 2014-يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدە «ئىدېئولوگىيە جەھەتتە قايتا تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» دېگەن كۆرسەتمىسىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان كىشىنى لاگېرغا قاماپ، ئۇلارنى يېڭىۋاشتىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئىدېئولوگىيەلىك ئۆلچىمى» گە چۈشىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم ئىنسانلارغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان. شۇنداقلا جورجى ئورۋېلنىڭ بايانلىرىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي تەسەۋۋۇر بولغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان.
جورجى ئوۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانى دوكتورانت ئابدۇرەھىم دۆلەت تەرىپىدىن ئەنگىلىزچىدىن بىۋاسىتە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 2018-يىلى ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.