ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى، سوت ئورۇنلىرى ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداشتا خىتاي بويىچە بىرىنچى بولغان

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 25-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى» 2021-يىل قاتىللىق دېلولىرىنى پاش قىلىشنى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، خىتاي بويىچە بىرىنچى بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ ج خ نازارىتى» يېقىنقى يىللاردىن مۇناسىۋەتلىك قائىدە، مېخانىزملارنى سىناق تەرىقىسىدە ئىجرا قىلغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەش، زور قاتىللىق ۋەقەلىرىنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىش، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان. ج خ ئورگانلىرى «بىر دېلوغا بىر ئارخىپ تۇرغۇزۇش» ئۆلچىمىنى يولغا قويۇپ، دېلو تەپسىلاتىنى رەتلەش، ئۆتمۈش ماتېرىياللىرىنى تولۇق توپلاش، گۇۋاھچىلار بىلەن قايتا كۆرۈشۈش، نامسىز جەسەتلەرنىڭ، يوقاپ كەتكەن ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولۇق رەتلەش ئارقىلىق دېلو پاش قىلىشقا كېرەكلىك ئۇچۇر مەنبەسىنى شەكىللەندۈرگەن. «يۈز يىللىق ئىسپات» نىشانىنى تىكلەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇھىم يىپ ئۇچىنى ئىگىلەپ، تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەن بىر تۈركۈم كونا قاتىللىق دېلولىرىنىمۇ پاش قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 23-مارت كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، 2021-يىلدىن بۇيان ھەر قايسى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 17 مىڭ 600 ھەق-تەلەپ دەۋاسىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ-كىچىك كارخانىلار، دۆلەت كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پۇل-مۇئامىلە ماجىراسىغا ئائىت 4000 ھەق-تەلەپ دەۋاسى بىر تەرەپ قىلىنغان.

كۆزەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «كونا قاتىللىق دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلدۇق» دېگىنىدە نۇرغۇن گۇمانلىق ئىشارەتلەر بار. خىتاي ھۆكۈمىتى 5 يىلدىن بېرى لاگېرلاردا ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋەتكەن ئىنسانلارمۇ ئەمەلىيەتتە نامسىز جەسەتلەر بولۇپ، بۇنىڭ قاتىللىرى كىملەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭمۇ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقالامدۇ؟ سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ھەق-تەلەپ دەۋالىرى ئىچىدە پەقەت كارخانىلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ماجىراسىدىن باشقا، سورالمىغان ياكى ناھەق سورالغان مىڭلىغان دەۋالار بار، سوتچىلار خالىغانچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ھەتتا سوتلىمايلا كېسىدۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ. ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپ بولمىغان ئەھۋالدا ئەلۋەتتە بۇ رايوندىكى ساقچى بىلەن سوتچىنىڭ ئىجرائات سۈرئىتى خىتاي بويىچە ئەڭ تېز بولىدۇ.