خىتاي بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر ئوبلاستتا ئامانلىق كۈچلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى مەلۇم ئەمەس. دائىرىلەر تېخى يېقىندىلا كورلا شەھىرىگە شتات سىرتىدا 2000 ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان ئىدى. لېكىن خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كورلا شەھەرلىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش رەھبەرلىك ئىشخانىسى 20-ئىيۇن كۈنى مەزكۇر شەھەرگە يەنە 500 نەپەر شتات سىرتىدا ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلان چىقارغان. يېڭى قوبۇل قىلىنىدىغان بۇ ساقچىلار كورلا شەھىرىدىكى «قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرى» دا ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.

بايىنغولىن ئوبلاستى ئۆتكەن يىلدىن بېرى مەزكۇر ئوبلاستنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا كۆپلەپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. كورلا شەھىرى بۇ يىل 3-ئايدا مەزكۇر شەھەردىكى «قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرى» غا شتات سىرتىدا 2000 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ كورلا ئەتراپىغا جايلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن بايىنغولىن ئوبلاستىغا كۆپلەپ ساقچى قوبۇل قىلىشنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.

كورلا شەھەرلىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش رەھبەرلىك ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا تەكىتلىنىشىچە، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى 3 ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئىچىدە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك»، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت»، «تېررورلۇق» ياكى «دۆلەت بىخەتەرلىكى» گە چېتىلىپ جازالانغانلار بولسا قوبۇل قىلىنمايدىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئۇقۇملارغا بەرگەن تەبىرى ئىنتايىن مۈجمەل بولغاچقا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئاساسەن شاللىنىپ كېتىدىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رايوندا 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىزمەت ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدىكەن.