خىتاي، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساياھەتچىلەر قېتىم سانىنى دۆلەت خىراجىتى بىلەن يۈكسەلدۈرگەن

ئۇيغۇر رايونىدا 2013-، 2014- ۋە 2015-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن شىددەتلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى رايونغا كېلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى ئازايتقان ۋە بۇ ۋەزىيەت ئەينى خىتاي ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

بۈگۈن خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئاتالمىش نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۆلكە، شەھەرلىرى بۇ يىل مەخسۇس ساياھەت پويىزى ۋە ئايروپىلانى ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتچى ئەۋەتكەن. «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا يەتكۈزۈش» دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ سەپەرۋەرلىك نەتىجىسىدە 153 قېتىم مەخسۇس پويىز قاتنىغان. ھۆكۈمەت قولى ۋە دۆلەت خىراجىتى بىلەن تەشكىللەنگەن بۇ ساياھەتچىلەر قېتىم سانى 110 مىڭغا يەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە بۇ سەپەرۋەرلىك 2015-يىلى 7-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان «مەملىكەتلىك ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭ ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» نىڭ روھىغا ئاساسەن قوزغالغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش دولقۇنىنىڭ بىر چارىسى سۈپىتىدە دۆلەت خىراجىتى بىلەن ساياھەت قىلىش چەكلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا ساياھەتنىڭ دۆلەت خىراجىتى بىلەن رىغبەتلەندۈرۈلۈشى ۋە تەشكىللىنىشى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالاھىدە سىياسىي ۋەزىيەتنى يەنە بىر نۇقتىدىن يورۇتۇپ بەرمەكتە.