خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يەر ئېنىقلاش» ھەرىكىتى دىققەت قوزغىدى

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر، باغ-ۋارانلار ۋە سۇ بايلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلشىىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ 106 مىليون مو ئىكەنلىكى، بۇنىڭدا 28 مىليون مو يەرنىڭ يېڭىدىن ئېچىش ئارقىلىق كۆپەيگەنلىكى ئېيتىلغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئېنىقلاشتا ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە 15 مىليون مودىن ئارتۇق ھەر خىل مېۋىلىك باغنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىن لى چاۋ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «تېرىلغۇ يەرنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. تېرىلغۇ يەرگە زىيان قىلىۋاتقان بىر قاتار ئەھۋاللار، جۈملىدىن ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش قاتارلىقلار ئېغىر بولماقتا» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەرلىرىدىن ئايرىلىشى ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرىنىڭ زور كۆلەمدە تېرىلغۇ يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىۋالغانلىقى، يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» دېگەن نامدا ھەرقايسى جايلاردىكى خىتاي زاۋۇتلىرىغا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئەرزان باھالىق ئىشچى بولۇپ يۆتكىلىشى ھەممىگە مەلۇملۇق پاكىتلاردىن بولۇپ قالغانىدى. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا زور كۆلەمدە نوپۇس يۆتكەش ئارقىلىق «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاش لازىم» دېگەن ئىستراتېگىيەسىنى قەدەممۇ قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلماقتا، دەپ قارالماقتىكەن.