خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ كېلىۋاتقان كۇرسانتلىرىنىڭ «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» گە 680 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 500 مىڭ ئادەم قېتىم «كەسپىي تەربىيە» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 17-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ پۇلنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشسىزلىق پاراۋانلىق فوندىدىن تەمىنلەيدىكەن. بۇ خەۋەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» دە تەربىيەلەپ، خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا ھەقسىز ياكى ئازراق ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن غايەت زور پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان بەزى خەۋەرلەردە «ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرى» مەسىلىسىنىڭ خىتايدا چوڭ تىجارەتكە ئايلانغانلىقى، بەزى خىتاي ئەمگەك مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرى» نى توردا ئاشكارە بازارغا سېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرىۋالغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ ھەقتىكى ئېلانلاردا ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ ھەربىي تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغانلىقى، خالىغانچە كېتىپ قالالمايدىغانلىقى، ئىش ھەققىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئىشلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلەمچىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەنىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى نازارىتىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش» ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى لياڭ پىڭ، بۇ يىللىق «تەربىيەلەش» نىڭ ئاساسى نۇقتىسى كارخانىلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان «نىشانلىق توپ»، ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامرات شەھەر-يېزا ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھرىدە 130 مىڭ 50 كىشىگە «كەسپىي تەربىيە» ئېلىپ بارغان.