خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەپتىش ئورگانلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بالاغەتكە يەتمىگەن ئۆسمۈرلەردىن ئىسپات ئېلىشقا قۇلايلىق بولۇشنى باھانە قىلىپ، ئاللىقاچان 66 ئورۇندا «بىر بېكەتلىك دېلو بېجىرىش» نۇقتىسى قۇرغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 18-يانۋاردىكى سانىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل «بىر بېكەتلىك دېلو بېجىرىش ئورنى» دا ئۆسمۈرلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش، ئىدىيىۋى-خىزمەت ئىشلەش، «قانۇنىي ياردەم بېرىش» دېگەنلەر بىر قېتىمدىلا تاماملىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئائىلىسىدىن جۇدا بولغان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى تەقىبگە ئېلىش ئورنى ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە. يەنە كېلىپ بۇ خىل ئورۇنلاردىكى نەق مەيداندا ئۈنگە ۋە سىنغا ئېلىش، بەدەن تەكشۈرۈش دېگەندەك بىر قاتار ئەسلىھەلەرنىڭ بولۇشىمۇ بۇ ھەقتىكى گۇمانلارنى ئاشۇرماقتا. خەۋەردە ھازىر بۇ خىل مۇئەسسەسىلەرنىڭ غۇلجىدىن تاكى قەشقەرگىچە بولغان ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەر، ناھىيەلەردە تەسىس قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇندا مىليونلىغان ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كىشىلەر لاگېرلارغا قامالغان بولۇپ، يەنە نۇرغۇن ساندىكى بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتالمىش «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق» ئىدىيەلىرى بىلەن «زەھەرلەنگەنلىكى» تەكىتلىنىپ كەلگەنىدى. بىر قىسىم ئانالىزچىلار مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسلىتىپ «ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشۇ خىلدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنى تۇتقۇن نىشانى قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.