خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 29-يانۋار چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميەسىگە قاراشلىق ئىلگىرىكى «تارىخ تەتقىقاتى ئورنى» ۋە «دىن تەتقىقاتى ئورنى» نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، «تارىخ تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى» ۋە «دىن تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى» دېگەن نام بىلەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان. خەۋەردە بۇ ئورۇنلارنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە قايتىدىن ۋىۋىسكا ئېسىلىشى، «3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پىلان،» دېيىلگەن.
خەۋەردە يەنە بۇ تەتقىقات ئىنىستۇتلىرىنىڭ ماركىسىزمنىڭ دىيالىكتېك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق تەتقىقات پرىنسىپى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقى، زامانىۋى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى، شۇ ئارقىلىق «شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىدىغانلىقى، تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى سىناقلارنى ئالدى بىلەن ئېلىپ بارىدىغانلىقى» ئالاھىدە قەيت قىلىنغان.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قايتىدىن ۋىۋىسكا ئېسىشى ئۇيغۇر رايونىدا ئاتېئىزىملىق ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش، دىنسىزلىقنىڭ ئورنىغا ماركىسىزم ۋە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەسسىتىش، تارىخنى بۇرمىلاپ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن تارىخىي قاراشنى سىڭدۈرۈش، دىننى بۇرمىلاپ دىننى خىتايچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنى ئاجىزلىتىپ يوقىتىش ئىستراتېگىيسى ئۈچۈن ئېلىنغان بىر قەدەم ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ تەتقىقات ئورۇنلىرى خىتاينىڭ شىنجاڭدا سىياسەت بەلگىلىشىگە، شۇنداقلا ھىيلە-مىكىر ۋە سۈيقەستكە تولغان يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا، يېڭى سىناقلارنى يۈرگۈزۈشىگىمۇ مەسلىھەت بېرىش رولىنى ئوينايدىكەن.