ما شىڭرۇينىڭ يېزا-ئىگىلىكىنى چىڭ تۇتۇش ھەققىدە يوليورۇق بېرىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي 22-مارت كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغان. بۇ جەرياندا ئۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى سۈرۈشتە قىلغان ھەمدە «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋرىدىكى شىنجاڭ خىزمىتى ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇش» توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە پارتكومنىڭ مۇھىم كاتتىباشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەمراھ بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 22-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايىتى يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە باقمىچىلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىۋاتقان بولۇپ، شۇ قاتاردا «مىليون تۇياقلىق سورتلۇق قوي فېرمىسى» قۇرۇلۇشى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن. ما شىڭرۇي قەشقەر شەھىرى ۋە باشقا ناھىيەلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق، يېزا خىزمىتىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالاھىدە جېكىلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ۋە باقمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ھەمدە شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداشنى كۆزلەۋاتقانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن ئىدى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ چوشقا باقمىچىلىق بازىسى بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقى ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىللاردىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى، دۇنيانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان يىرىكلىشىش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى خىتايدا يېقىن كەلگۈسىدە ئاشلىق قەھەتچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن، دەپ قارالماقتا ئىكەن. ئەمدىلىكتە ما شىڭرۇينىڭ يېزا-ئىگىلىكىنى چىڭ تۇتۇشنى بىر تۈرلۈك زور سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا تەكىتلىشى، بۇ جەھەتتىكى بەزى ئىچكىي ئەھۋاللاردىن بىشارەت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.