ئۇيغۇر رايونىدىكى «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» نامىدىكى ئورۇنلاردا پارىخورلۇق يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقنى لاگېرلارغا قاماپ، بۇ ئورۇنلارنى خەلقئاراغا «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانىدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 29‏-ئاۋغۇستتىكى خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ كېلىۋاتقان بۇ ئورۇنلاردا پارىخورلۇق ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، بۇ مەركەزلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ پۇل تېپىش كوزۇرىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ مەركەزلەردىكى «ئوقۇغۇچى» سانىنى يۇقىرىغا يالغان مەلۇم قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياردەم پۇلى ئېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 29‏-ئاۋغۇست خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىكى بۇ خىل پارىخورلۇق خاھىشلىرىنىڭ تەكشۈرۈشكە باشلاپ، ساختىپەزلىك قىلغان 42 ئورۇننىڭ «كەسپىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنىڭ سوڭ فامىلىلىك بىر ئەمەلدارى، نۆۋەتتە باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئەھۋالنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شىنجاڭ سىچۇاڭ ئېلېكترونلۇق تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» قەشقەر شەھىرىدىكى شېنجېن سانائەت باغچىسىدا «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» قۇرۇپ، ئاتالمىش «ئوقۇغۇچىلار» غا كەسپىي ۋە قانۇن تەربىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەنە شۇنداق شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ دىرېكتورى خۇ شيەنجۈ 28‏-ئاۋغۇست كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن يېقىندا 10 نەپەر «تەربىيىلەش ئوقۇتقۇچىسى» قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىغا ئېمبارگو قويۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.