«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ29 -نويابىردىكى سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، قورغاس ناھىيەسىنىڭ كۈرە يېزىسىغا جايلاشقان تارىخىي ئورۇنلاردىن ئىلى گېنىرال مەھكىمىسى بىلەن كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى ئۇيغۇر رايونىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەربىيە بازىسى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
خەۋەردە ئىلى گېنىرال مەھكىمىسىنىڭ بىر يېرىم ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن خىتاي دۆلىتى ئارىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى، يەنى رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما مۇستەقىل تارىخچىلار ئىلىدىكى گېنىرال مەھكىمىسىنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەملىكىچىلىك سىمۋولى دەپ قاراپ كەلمەكتە.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، كېرىيەدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا ماۋ زېدوڭنىڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن چۈشكەن سۈرىتى بىلەن بىرلىكتە شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىلىرىگە يازغان خېتى كۆرگەزمىگە قويۇلغان. قۇربان تۇلۇم يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مىللىي ئاڭسىزلىقنىڭ ۋە ئەخمەقلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مەسخىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىر ئوبرازدۇر. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تەرەپنىڭ ئىلى گېنىرال مەھكىمىسىنى تەشۋىقات مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرىدا مىللەتچىلىكنى ئويغىتىشنى كۆزلىگەن بولسا، قۇربان تۇلۇمنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قۇلچىلىق ئىدىيەسىنى كېڭەيتىشنى كۆزلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئورۇننى قوشقاندا ئۇيغۇر رايونىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە بازىسى» نىڭ سانى نۆۋەتتە 14 كە كۆپەيگەن.