خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭدىكى ئىنقىلابىي مەدەنىي يادىكارلىقلار تىزىملىكى» نى بېكىتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق 111 ئورۇن، بىڭتۈەنگە قاراشلىق 99 ئورۇننى «ئىنقىلابىي مەدەنىي يادىكارلىق» دەپ بېكىتكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى «مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى» گە ئائىت ماددىي، مەنىۋى ئىزلارنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئىنقىلابىي مەدەنىي يادىكارلىرى» نى دەسسىتىش ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ پىلان خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى «ئۇيغۇر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ 2-ئاپرېل ئېلان قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق «ئىنقىلابىي مەدەنىي يادىكارلىقلىرى» دەپ بېكىتىلگەن 111 ئورۇننىڭ 23 يۆتكەشكە بولمايدىغان «ئىنقىلابىي يادىكارلىقلار»، 88 يۆتكەشكە بولىدىغان «ئىنقىلابىي يادىكارلىقلار» ئىكەن. يۆتكەشكە بولمايدىغان «ئىنقىلابىي يادىكارلىقلار» ئۇلانباي قەبرىستانلىقى، 8-ئارمىيە ئىش باشقارمىسى، قىزىلتاغ يادرو قوراللىرى سىنىقى پارتلىتىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ كونا ئورنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ترانسپورت باشقارمىسىنىڭ كونا ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بىڭتۇەنگە قاراشلىق «ئىنقىلابىي مەدەنىي يادىكارلىقلىرى» غا 8-دېۋىزىيە 133-پولكىنىڭ ھەربىي ئاشلىق ئامبىرى، 136-پولكىنىڭ زالى، 148-پولكنىڭ ئاشلىق ئامبىرى قاتارلىق ئورۇنلار كىرگۈزۈلگەن. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى «مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى» گە ئائىت ھېچقانداق بىر خاتىرە ئورنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلمىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرىسىدىكى «مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى» گە ئائىت ھەرقانداق ئىزنى تازىلىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتىكەن.
