خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىشىغا قارىتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا. بۇ ھۇجۇملاردا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما «كەسپىي تەربىيەلەش» نامىدىكى بۇ ئورۇنلارنىڭ «تېررورلۇق»، «ئەسەبىيلىككە» قارشى زۆرۈر تەدبىر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر 2019» ناملىق قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قاماپ، كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش، شۇنداقلا ئامېرىكا تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلىشىنى چەكلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قانۇن لايىھەسىدە يەنە چېن چۈەنگونىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغانىدى. «تەڭرى تاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-دېكابىر كۈنى ھېيتگاھ جامائەسىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى تەنقىدلىگەن.
مەمەت جۈمە باياناتىدا، «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەر ئېيتقاندەك ئادەم تۇتىدىغان، سولايدىغان، قورقۇنچلۇق لاگېر ئەمەس، بەلكى ئادەم قۇتقۇزىدىغان، داۋالايدىغان، ئادەم تەربىيەلەيدىغان مەكتەپ» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئۇ باياناتىدا ھېيتگاھ جامائەسىنىڭ ئىبادەتكە تاقىلىپ، نېمە ئۈچۈن ساياھەت ئورنىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، مەسچىت جامائىتىنىڭ نەگە غايىب بولغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. شۇ كۈنى يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ئارقىلىق «شىنجاڭغا قارا چاپلىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا بۇ قانۇن ئارقىلىق «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇشتەك مەقسىتىگە يەتمەكچى» ئىكەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشىدا ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بۇ قانۇن ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك خورلاۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش يولىدىكى «مۇھىم تارىخىي قەدەم» دەپ كۆرسەتمەكتە.