ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-قىشلاقلاردىكى ئاھالىلەر ئاتالمىش «دۆلەت تىلى» كەچلىك كۇرسلىرىغا مەجبۇرلانماقتا
2019.07.04
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-قىشلاقلاردىكى ئاھالىلەرنىمۇ كەچلىك خىتاي تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
4-ئىيۇل كۈنى كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم تەرىپىدىن خىتاينىڭ «مەملىكەتلىك كومپارتىيە تورى» دا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەرگە قارىغاندا، كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم ناھىيە تەۋەسىدىكى 15 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنى تۈركۈملەر بويىچە ئاتالمىش «دۆلەت تىلى ۋە يېزىقى»، يەنى خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا تەشكىللىگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ناھىيە تەۋەسىدىكى 77 يېزا-كەنت ئاھالىلىرى «يېزا دەرىجىلىك تەشكىل خىزمەتلىرىنى چىڭىتىپ، يېزا-قىشلاق ئاھالىسىنى كەچلىك مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» قا ئاساسەن بۇنداق كۇرسلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 15-45 ياش ئارىسىدىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىسىنىڭ خىتاي تىلى دەرسى ئېلىشى ھەرخىل ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر تولۇق سەپلەنگەن مۇنتىزىم سىنىپلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەبلىغىدىن ئون مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. يېزا ئاھالىلىرى تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىش، يۈزتۇرانە سۆزلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتايچە سەۋىيەسى بەلگىلىنىپ، دەرىجىلەرگە ئايرىلغان.
دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خەۋەردە 45 ياشتىن يۇقىرى بولغانلار، ھەرىكەت قىلىشى قۇلايسىز بولغانلار ياكى كىچىك بالىلىرى بار بولۇپ، سىنىپقا كېلەلمەيدىغانلارغا مەخسۇس ئالدىغا بېرىپ دەرس بېرىدىغان «پىدائىي ئوقۇتقۇچىلار» ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق «چېگرا رايونلىرىنىڭ ئەڭ ئۇزاق قىسمىغا جايلاشقان چارۋىچى ئائىلىلىرىدىن بىرنىمۇ قويماسلىق» نىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي تىلىنى بۇنچە كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇشى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ دەررىن بايلېر ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتايچە ئۆگىتىشنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر قىلىپ تۇرغان مىللىي تىل-يېزىق، دىن ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىدىن ئايرىۋېتىش ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي تىلى ئوقۇتۇشى ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە قاتلاممۇ-قاتلام، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، لاگېرغا قامالماي قالغان ياشانغان بوۋاي-مومايلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىغان. «دۆلەت تىلى» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان خىتاي تىلى ئۇيغۇر ئېلىدە سۆزلەشكە ئىجازەت بېرىلىۋاتقان بىردىن-بىر تىلغا ئايلاندۇرۇلماقتىكەن.