ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ بەلۋاغلىق تور قوللانغۇچىلارنىڭ سانى 2015-يىلنىڭ ئاخىرلىرى 12 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ 54.9 پىرسەنتى تەشكىل قىلىدىكەن. ئەمما ئانالىزچىلار، بۇنىڭ نوپۇسى 23 مىليونلۇق ئۇيغۇر رايوندا ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق كۆچمەنلەرنى ۋە باشقا كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومپيۇتېر تورى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش مەركىزىنىڭ يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرغان تور بېكىتى 18 مىڭدىن ئارتۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يەرلىك مىللەت تور بېكەتلىرى 1800 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئومۇمىي تور بېكىتىنىڭ ئاران 10 پىرسەنتىنى ن تەشكىل قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر تورچىلىقى 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇرۇن قاتتىق گۈللەنگەن بولۇپ، سان ۋە مەزمۇن جەھەتتە زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تور ۋە تور ئالاقىسىنى 10 ئاي ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىنى قاتتىق باستۇرغان.
دائىرىلەر نۇرغۇن تور بېكەتلىرىنى تاقىغان، تور بېكەتلىرىنىڭ نۇرغۇن قابىلىيەتلىك، ئىجادكار، ئاكتىپ تور باشقۇرغۇچىلىرىنى، تور لايىھىلىگۈچىلىرىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە باغلاپ، تۇتقۇن قىلغان، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ياكى تور گۇۋاھنامىسىنى تارتىۋالغان. بۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئەركىن تەرەققىياتىغا قاتتىق زەربە بولغان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئۇيغۇر رايوندا قول تېلېفونى قوللانغۇچىلارنىڭ 15 مىليونغا يەتكەنلىكىنى، قول تېلېفونى قوللانغۇچىلارنىڭ 2015-يىلى ئالدىنقى يىلقىدىن 12.2 پىرسەنت، تور قوللانغۇچىلارنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە 10.8 پىرسەنت كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.