ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل شەھرىدە بىر خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى ئۇيغۇر ۋە بىر قازاق كادىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «8 خىل بەلگىلىمىسى» گە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان. «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، قومۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رىۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا يۇقىرىقى ئىككى ئۇيغۇر ۋە بىر قازاق كادىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 دېلونى «مەركىزى كومىتېتنىڭ 8 خىل بەلگىلىمىسىگە خىلاپ تىپىك مەسىلە» دەپ ئېلان قىلغان.
بۇ كادىرلار چەت ئەلدىكى كۆزەتكۇچىلەر چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1-قول ھۆكۈمدارلىق ئورنىغا ئولتۇرغان 2016-يىلدىن بېرى ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ئۇيغۇر كادىرلىرىنى ھەر خىل ناملار بىلەن تازىلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان مەزگىلدە جازلانغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر كادىرلىرىنى تازىلىشى ھەر خىل ناملاردا ئېلىپ بېرىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەركىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.
قومۇل شەھەرلىك ئىنتىمزام تەكشۈرۈش ۋە رىۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا ئىۋىرغول رايونلىق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىمى ئەنۋەر خوجا، ئىۋىرغول رايونلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق سېكرىتارى ماھىرە ماھمۇت، بارىكۆل ناھىيەسىنڭ يېزا كادىرى جارقىنبەك مولىمخانلارنىڭ «بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىشىلەر قول ئاستىدىكىلەرگە ئورۇنسىز مۇكاپات تارقىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.