ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ ھەپتە ھەر قايسى شۆبە ساقچى ئىدارلىرىغا ھۆكۈمەتكە قارشى سۆز قىلغان، چەكلەنگەن چەتئەل ئۈن-سىنلىرىنى كۆرگەن ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن 3000 ئادەمنى تۇتۇش سانلىق كۆرسەتكۈچى چۈشۈرگەن.
بىر قازاق پۇقراسىنىڭ چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 3000 ئادەم تۇتۇش ھەققىدىكى سانلىق كۆرۋەتكۈچىنى تاپشۇرۇۋالغان. مەزكۇر قازاق پۇقراسى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ سىستېمىسىدىكى بىر ساقچى تونۇشىدىن ئالغانلىقىنىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ساقچى تونۇشى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئادەم تۇتۇش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈپ، 3000 ئاەم تۇتۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «بىر ھەپتە ئىچىدە چوقۇم ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن 3000 ئادەم تۇتۇش تەلەپ قىلىندى،» دېگەن.
مەزكۇر خەۋەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدىكى ئاھالىلەر ئىلگىرى يۇقىرىنىڭ چۈشۈرۈپ بەرگەن ئادەم تۇتۇش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنلاشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھەر قايسى ج خ تارماقلىرىغا ئادەم تۇتۇش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈپ بېرىشى يېڭىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھۋال ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ باشقىچە تۈس ئالغان.
دائىرىلەر تۇتقۇن قىلىشنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ مەلۇم قاتلىمىنى نىشانلىق تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى قۇرۇپ، بەزى يېزا-كەنتلەردىكى ئاھالىنىڭ 40 پىرسەنتىنى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئەۋەتىش ھەققىدە ئاغزاكى يوليورۇق چۈشۈرگەن.
خىتاينىڭ رايوندىكى بۇ خىل باستۇرۇش ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئاھالىلەرنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشنى، «يېپىق تەربىيەلەش منەركەزلىرى» نى تاقاشنى تەلەپ قىلغان.