ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي خەلق تورىنىڭ 27-دېكابىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارىغا ئاساسەن سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتىنى ۋە كومپارتىيە ئىنتىزامىنى تۈزەشنى نىشان قىلغان 1-تۈركۈمدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ رايوندىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»، «تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق 8 مەكتەپ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار ئىدارىسى، سودا-سانائەت ئىدارىسى قاتارلىق 10 ئورۇنغا ئەۋەتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

خەۋەردە يەنە، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ يېقىندا ئېچىلغان خىتاي مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيىۋى خىزمەت يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتكوم يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى، ئالىي مەكتەپلەردە مەۋجۇت بولغان كومپارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا يېقىندىن بۇيان بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان سىياسىي تەلىم تەربىيە خىزمىتىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىيومىزدا ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، «دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى تەكىتلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي، مىللىي ۋە دىنىي باستۇرۇشىغا قارىتا ئۇيغۇرلاردا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق كەيپىياتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.