خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى توغرۇلۇق بەرگەن مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 24 سائەت ئىچىدە ئۇيغۇر رايونى تەۋەسىدە كېسەللىك ئالامىتى بار 1 يۇقۇمدار، كېسەللىك ئالامىتى يوق 10 يۇقۇمدار كۆپەيگەن.
يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلار ئاساسەن ئۈرۈمچى مىچۈەن رايونىدا ئىلگىرى بايقالغان يۇقۇمدارلار بىلەن ئۇچراشقانلار بولۇپ، ھازىر ئۇلار كارانتىنغا ئېلىنىپ كۆزىتىلمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ رايوندا بايقالغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن 2 يۇقۇمدار داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 29 يۇقۇمدار كارانتىنغا ئېلىنىپ كۆزىتىلىشتىن قۇتۇلغان.
5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە كېسەللىك ئالامىتى بارلىقى ئېنىقلانغان 7 يۇقۇمدارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى مىچۈەن رايونىدىن ئىكەن؛ كېسەللىك ئالامىتى يوق 146 يۇقۇمدار ئىچىدە 144 ئادەم مىچۈەن رايونىدىن، 2 يۇقۇمدا تەڭرىتاغ رايونىدىن ئىكەن.
خىتايدا چىقىۋاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن شاڭخەي شەھرىنى قامال قىلىش قىسمەن بوشىغان بولسىمۇ، بېيجىڭ ۋە خېنەننىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە مېترو بېكەتلىرى، ئۆتۈشمە يوللار ۋە بەزى شەھەر رايونلىرىنى قامال قىلىش باشلانغان. ئۇيغۇر رايونىدىمۇ ئۈرۈمچى بىلەن سانجى ۋە باشقا شەھەرلەردە يوللارنى قامال قىلىش ۋە قاتتىق تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا، روزا ھېيت كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايون-مەھەللىلەردە ئەركىن كىرىپ-چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيدىن چىقماي ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.