ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرلىرىگە قارىماي، ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ يەنىلا جىددىي ھالەتتە ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ سەھىيە تورى» نىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كېچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر ئېلى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا يېڭىدىن 26 نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇمدار كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىنىڭ مىدۇڭ رايونىدا ئىكەن.
شۇنداق بولغاندا، 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24 كېچە، ئۇيغۇر ئېلىدا كېسەللىك ئەھۋالى قوزغالغان بىمار سانى 8 نەپەر، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى سانى جەمئىي165 نەپەرگە يەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس يۇقۇمىغا دائىر ئۇچۇرلارنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دەپ قارىغاچقا، ئۇلارنىڭ يۇقۇم ھەققىدە ئېلان قىلىۋاتقان رەقەملىرى خەلقئارا جامئەت تەرىپىدىن ئىنتايىن گۇمانلىق دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. شۇنداقتىمۇ يۇقىرىقى يۇقۇمدارلار سانى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ھازىرغىچە يۇقۇم ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر قەدەر زور رەقەملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرى بويىچە شاڭخەي شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە چوڭ شەھەرلەردە يولغا قويۇۋاتقان چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلەر، خەلقئارا تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.
«تاشقىي سىياسەت» ژورنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ باش تېببىي مەسلىھەتچىسى ئانتونىي فائۇچى (Anthony Fauci) ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىنى باھالاپ سۆز قىلغاندا، خىتاينىڭ COVID-19 ۋەزىيىتىنى «ئاپەت» دەپ باھالىغان. ئۇ قامال قىلىشنىڭ چوقۇم ئېنىق نىشانى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنىڭ زىياندىن باشقا نەرسە ئەكەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.