ئۈرۈمچىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمى داۋاملىق كۆپەيمەكتە

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە يېڭىۋاشتىن كېڭىيىۋاتقانلىقى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولماقتا. شۇلار قاتارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-مايدىكى خەۋىرىدە ئۈرۈمچى شەھرىدە يېڭىدىن تۆت نەپەر ئالامەتسىز بىمارنىڭ بايقالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تۆت نەپەر بىمار ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىدىن بايقالغان. نۆۋەتتە ئۇلار شۇ جايدىكى دوختۇرخانىدا ئايرىم كۆزىتىلمەكتە ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ۋىرۇس ۋاباسىنى «سىياسىي مەخپىيەتلىك» قاتارىدا يوشۇرۇشى كۆپ قېتىم ئىسپاتلانغان ھادىسە بولغاچقا، نۆۋەتتىكى ۋىرۇس ئەھۋالىنىڭ ھەقىقىتى يەنىلا بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشچە، نۆۋەتتە شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» شوئارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆيلەرنى ۋە مەھەللىلەرنى قامال قىلىش قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا بولماقتا ئىكەن. ئەمما ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە قانچىلىك زاپاس يېمەكلىكنىڭ بارلىقى، يېمەك-ئىچمەكسىز ياكى قارانچۇقسىز قالغان ئائىلىلەرنىڭ قانداق قىلىۋاتقانلىقى كۆپ خىل ئەندىشىلەرگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن.