ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 18 كىشىگە تاجسىمان ۋىرۇس دېئاگنوزى قويۇلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 23-ئىيۇل كۈنى رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا 22-ئىيۇل سائەت 0:00 دىن 24:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈرۈمچىدە 18 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىرغىچە ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا ئېلان قىلىنغان يۇقۇملانغۇچى سانى 82 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر نەپىرى قەشقەردىن، بىر نەپىرى بىڭتۇەن ۋە 80 نەپىرى ئۈرۈمچىدىن ئىكەن. يەنە 3284 نەپەر كىشى كۆزىتىش ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە دائىرىلەر ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ يادرو كىسلاتالىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە ئالاھازەل 1 مىليون 375 مىڭ ئادەمدىن ئەۋرىشكە ئالغان. بۇ خىزمەتكە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن داۋالاش ئەترەتلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، تەكشۈرۈش كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇمغا دائىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن يۇقۇمغا قارشى ئېلىنىۋاتقان غايەت زور تەدبىرلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچىلار بۇ تەدبىرلەردىن قارىغاندا، رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېلان قىلىنىۋاتقان ساندىن كۆپ ئېغىر بولۇش مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى قېتىملىق يۇقۇم قامالىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت-ناھىيەلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇلار قەشقەردىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئاشكارىلىمىغان.