ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىغا تارقالغا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يۇقۇمغا قارشى ئالغان كارانتىن تەدبىرلىرى رايوندا مال باھاسىنىڭ شىددەتلىك ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا قەيت قىلىنىشىچە، رايوندا يولغا قويۇلغان كارانتىن تەدبىرلىرى ۋە مال باھاسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن.» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ قايتا تارقالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاممىۋى قاتناش ئالاقىسى توختىتىلىپ، پۇقرالارنىڭ كوچىغا چىقىشى چەكلەنگەن، سودا ساراي ۋە دۇكانلار تاقالغان. يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار قاتتىق كونترول قىلىنغان. خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقۇم ئۈرۈمچىدە مال باھاسىنىڭ شىددەتلىك ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پەمىدورنىڭ باھاسى 8 سوم، بىر تال تەرخەمەك بىر يېرىم سوم، بەرەڭگە 10 سومغا چىققان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى 24-ئىيۇل گۆش، ئۇن، ياغ ۋە 60 خىل كۆكتات باھاسىنىڭ يۇقۇمدىن بۇرۇنقى نورمال باھاغا قايتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردا ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ ئاچ قېلىشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن قېتىمقى يۇقۇمغا ئوخشاشلا ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 23-ئىيۇلغا قەدەر رايوندا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 95 كە، يۇقۇم گۇماندارلىرى 85 كە يېتىپ بارغان بولۇپ، نۆۋەتتە رايوندا 3346 كىشى كارانتىن ئاستىدا ئىكەن.