ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېڭىۋاشتىن يامراۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا دائىر تۈرلۈك ئۇچۇرلار نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئەمەلىيەتتە خەۋەرلەردە بايان قىلىنىۋاتقاندىن خېلىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى 29-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن 89 كىشىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئالامەتسىز يۇقۇمدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەرنىڭ جەمئىي 322 گە يەتكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ھازىرقى مەلۇماتلاردا ئۈرۈمچى ئەڭ ئاساسلىق ۋىرۇس مەركىزى بولۇپ، قەشقەر ۋە سانجىدا ئىككىدىن ۋىرۇس يۇقۇمدارى بايقالغان.
خىتايدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ھالبۇكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن 29-ئىيۇلدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 28 دوختۇرخانىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىغا ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم خىتايچە تور بەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋۇخەن شەھرىدىكىگە ئوخشاش «ساڭفاڭ دوختۇرخانىسى» سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ پۈتۈنلەي ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىغا ئاجرىتىلغانلىقى ھەققىدە پىكىر قىلغان كۆزەتكۈچىلەر «ئۈرۈمچى شەھىرىدە شۇنچىلىك دوختۇرخانا بار. بارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىغا ئاجرىتىلغانلىقى يۇقۇمدارلار سانىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا ۋۇخەندىكى ۋىرۇس ھەققىدە ھارغىچە يالغان ئېيتقان. بۇ قېتىممۇ ئۇلار شۇ ئۇسۇلنى تەكرارلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېيىشمەكتىكەن.