خىتاي ھۆكۈمىتى 29-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 96 نەپەر بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 29-ئىيۇل سائەت 0 دىن 24:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن كىشىلەر سانىنى 96 نەپەر دەپ ئېلان قىلدى. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېڭىدىن يۇقۇملانغان يۇقىرىقى 96 كىشىنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر سانى 414 نەپەرگە، كۆزىتىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئادەم سانى 12313 نەپەرگە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ھازىر ئۈرۈمچىگە كىرىپ-چىقىشنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىۋاتقان بولۇپ، 28-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەر، ئۈرۈمچىگە قايتىدىغانلار ۋە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلارنى باشقۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە تەڭشەش ئېلىپ بارغان. مەزكۇر تەدبىرگە ئاساسەن، يېقىنقى 14 كۈن ئىچىدە سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالاقىدار ساغلاملىق كود ئۇچۇرى ۋە يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتتىق تەكشۈرۈلىدىكەن. خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلاردىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەر چوقۇم 14 كۈن مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلگەندىن كېيىن يول يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىكەن.

ئۈرۈمچىگە سىرتتىن كەلگەنلەر ئەگەر قايتماقچى بولسا چوقۇم «شىنجاڭ ساغلاملىق كودى» ۋە «ئۈرۈمچى راۋان يول يۈرۈش كودى» دەپ ئاتالغان ماتېرىياللارنى تەييارلىغان بولۇشى ھەم يەتتە كۈن ئىچىدىكى يادرو كىسلاتالىق تەكشۈرۈش دوكلاتى مەنپىي بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۈرۈمچىلىكلەر زۆرۈر بولمىسا ئۈۈمچىدىن چىقماسلىقى، ئەگەر چوقۇم چىقىش توغرا كەلسە يۇقىرىدىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن باشقا مەھەللىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەككەن. ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغۇچىلار ئايروپىلان، پويىز بېكەتلىرىگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنە قايتىدىن بەدەن تېمپېراتۇرا تەكشۈرۈشى ۋە يادرو كىسلاتا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، نورمال چىققاندىن كېيىن ئاندىن سەپەرگە چىقىشىغا يول قويۇلىدىكەن.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى تەدبىرلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېلان قىلىنىۋاتقاندىن كۆپ ئېغىرلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.