ئۇيغۇر دىيارىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىپ، مەزكۇر رايون خىتايدىكى يۇقۇمدار ئەڭ كۆپ رايونغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇمنىڭ تارقىلىش مەنبەسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلىپ باقمىدى. مەزكۇر مەسىلە چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 31-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى دالىيەن شەھىرىدە بايقالغان يۇقۇمنىڭ مەنبەسىنىنى ئېلان قىلغانلىقى، يۇقۇمنىڭ بىر دېڭىز مەھسۇلاتلار شىركىتىدىن تارقالغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇمنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ 31-ئىيۇل ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 30-ئىيۇل 526 گە يېتىپ بارغان. دائىرىلەر 30-ئىيۇل كۈنىنىڭ ئۆزىدە 112 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغانلىقى، ئۇلارنىڭ 111 نەپىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە، بىر نەپىرىنىڭ سانجىدا بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى رايوندا 96 يېڭى يۇقۇمدار بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. 30-ئىيۇل بايقالغان يۇقۇمدارلار ئالدىنقى كۈندىكىدىن 16 ئادەم ئارتقان.
رايوندا يۇقۇمنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ مېڭىشى چەتئەللىك ئۇيغۇرلاردا لاگېر ۋە مەجبۇرى ئەمگەك زاۋۇتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئامېرىكادىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ 30-ئىيۇل رادىيومىزغا تەكىتلىشىچە، بۇ مەسىلىدە «خەلقئارا جەمئىيەت دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك» ئىكەن. خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى جۈمە كۈنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا 30-ئىيۇل 127 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا بايقالغان 112 نەپەر يۇقۇمدارنىڭ 30 نەپىرى ئىلگىرى گۇمانلىق يۇقۇمدار، دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلار ئىكەن.