ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى جىددىي ئۆرلىمەكتە

ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىۋاشتىن يامراۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسى يېقىندىن بۇيان ئىزچىل ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 8-ئاۋغۇستتىكى ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىدىن 146 نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇمدار بايقالغان. ئەمما مۇشۇ مەزگىلگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان يۇقۇمدارلار سانى 274 كە يەتكەن بولۇپ، بۇ سان ئىزچىل ئېشىپ ماڭماقتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 8-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 30-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىلى رايونىدا يامراپ كېتىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمى تېزدىن چۆچەك، قەشقەر، ئاقسۇ، قۇمۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغىچە تارقالغان. ئەمما خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسىلا ئالامەتسىز ھالدا بولۇپ، بۇنىڭ باشقىلارغا يۇقۇش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر يۇغۇرى بولىدىكەن.

خەۋەردە تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ يېڭىدىن يامراپ كېتىشى دەرھاللا چەتئەلگە باغلانغان ھەمدە ئىلى رايونىدىكى ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى چەتئەل ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرى تاجسىمان ۋىرۇسىنى ۋۇخەنگە ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋىرۇس ۋۇخەندە يامراپ كەتكەن» دەپ جاكارلىغان باياناتىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئەمما رادىيومىزنىڭ 9-ئاۋغۇستتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا غۇلجا تەۋەسىدىكى يۇقۇمدارلارغا تاجسىمان ۋىرۇسىنى يۇقتۇرغۇچىلارنىڭ گەنسۇدىن كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەر ئىكەنلىكى دەلىللەنگەنىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھەر قايسى جايلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا قاراپ ئۇلارنى «يۇقۇم خەتىرى ئېغىر، ئوتتۇراھال، يەڭگىل» دەپ ئۈچ رايونغا ئايرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلى ئوبلاستى، ئاقسۇ، قەشقەر ۋىلايەتلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 45 رايون «خەتەرلىك رايون» دەپ بېكىتىلگەن؛ يەنە مەزكۇر ئوبلاست ۋە ۋىلايەتلەردىكى 34 رايون «ئوتتۇراھال رايون»، 9 رايون «يەڭگىل رايون» دەپ بېكىتىلگەن.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرى قاتارىدا قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان قامال چارىلىرىنىڭ خەلق ئاممىسىغا قانداق قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ لاگېرلاردىكى تارقىلىشى قاتارلىق دۇنيا خەلقى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىپ باققىنى يوق. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسىغا دائىر ئۇچۇرلارنى «دۆلەت مەخپىيىتى» قاتارىدا سىر تۇتۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىزچىل ساختا مەلۇمات ئېلان قىلىشى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇمنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى يەنىلا نامەلۇم ھالدا تۇرۇپ كەلمەكتىكەن.