ئۈرۈمچىدىكى قامال مەزگىلىدە ئىجرا قىلىنغان تەدبىرلەر كىشىلەرنى ۋىرۇستىنمۇ بەكرەك قىينىغان

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تولۇق كونترول قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن كىشىلەردە بۇ ھەقتە تۈرلۈك گۇمانلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ نۆلگە چۈشكەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. خوڭكوڭدىكى «باشلانغۇچ» ئاگېنتلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان مەخسۇس ماقالىدا بىر قىسىم ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى ئورۇن ئالدى.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 35 كۈن داۋام قىلغان قامال جەريانىدا ھېچكىم ئۆيىدىن چىقالمىغان. ئۆيلەرنىڭ سىرتى پېچەتلەنگەن ياكى مىخلىۋېتىلگەن بولغاچقا بۇنى بۇزۇپ چىققانلار بايقالغان ھامان ساقچىلار ئۇلارنى نامەلۇم جايلارغا ئېلىپ كەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىچە بويىچە كارانتىن نۇقتىلىرىغا يىغىۋېلىنغان كىشىلەر تارقىتىپ بېرىلگەن تاماقلارنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقى ياكى پۇراپ قالغانلىقىنى، بۇ ھەقتە پىكىر قىلسىمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئائىلىلەردە جىددىي كېسەللەر بايقالغان بولسىمۇ قامال تەدبىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كېسەللەر ئۆيدىن چىقالمايلا جان ئۈزگەن. ھەرقايسى مەھەللىدىكى كىشىلەر كوللېكتىپ ھالدا تەركىبىدە نېمىلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمىگەن نامەلۇم دورىلارنى ئىچىشكە مەجبۇرلانغان. مال باھاسىنىڭ، بولۇپمۇ كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى بىردىنلا ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەنلىكتىن زور ساندىكى ئاھالىلەر ھەپتە-ھەپتىلەپ ناھايىتى غورىگىل تاماقلار بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. بىر قىسىم شەھەر ئاھالىسى تېلېفوندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بىزنى ۋىرۇس ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆيلەرگە قاماپ قويۇش تەدبىرلىرى بەكلا قىيناپ كېتىۋاتىدۇ» دېگەن.

ھۆكۈمەت تارماقلىرى گەرچە قامال تەدبىرلىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ بىر قىسىم جايلاردا يەنىلا مەھەللىنىڭ سىرتىغا چىقىشقا بولمايدىكەن. سىرتقا چىقىشقا بولىدىغان جايلاردىمۇ كىشىلەردە ۋىرۇسنىڭ ئۈزۈل-كېسىل تۈگىگەنلىكىگە ئىشەنچى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا ئۆزلىرىنى قورقۇنچتىن خالاس قىلالمىغان. ئاپتور ئاخىرىدا ھېچقانداق ۋىرۇس يۇقۇمى بايقالمىغان قاراماي، كۈيتۇن، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىمۇ ئوخشاش تەدبىرلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ «بۇ جايلارنى ھەرگىزمۇ پاناھلىق ماكانى دەپ قاراشقا بولمايدۇ» دەيدۇ.