ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس شەھىرىدە كورونا ۋىرۇسى قايتا تارقىلىپ، ئىككى يۇقۇمدار بايقالغاندىن كېيىن، 5-ئۆكتەبىر يەنە بىر يۇقۇمدار بايقالغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، يېڭى بايقالغان يۇقۇمدار ئالدىنقى كۈنى بايقالغان ئىككى يۇقۇمداردىن بىرىنىڭ يولدىشى ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن قورغاستا يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 3 كە كۆپەيگەن. يېڭى بايقالغان يۇقۇمدار 3-ئۆكتەبىر كارانتىنغا ئېلىنغان بولۇپ، دائىرىلەر 5-ئۆكتەبىر ئۇنىڭ كورونا ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە قورغاس شەھىرى 3-قېتىملىق كورونا ۋىرۇسى بەدەن تەكشۈرۈشىنى باشلىغان.
دائىرىلەر ئالدىنقى كۈنى ئىككى كىشىدە ۋىرۇس بايقالغاندىن كېيىن پۈتۈن غۇلجىنى كارانتىنغا ئېلىپ، ئايروپىلان، تۆمۈريول، ئاپتوبۇس قاتنىشىنى توختاتقان، يوللارنى قامال قىلغان. خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا، غۇلجىدا پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتا نەزەربەند قىلىنغانلىقى، كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەنلىكى، بۇ دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىمى ۋە نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قورغاستا بايقالغان يۇقۇم خىتاي مەركىزى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. قورغاستىكى يۇقۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن مەركىزى سەھىيە دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە مىنىستىرلىقى 4-ئۆكتەبىر قورغاسقا يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىن يىغىنى چاقىرىپ، يۇقۇم رايونىدىكى «مۇھىم جايلارغا ۋە نۇقتىلىق توپلارغا قارىتا كەسكىن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش» نى بۇيرۇغانىدى.
