ئەنگىلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە تارالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا چېتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە تارقالغان يۇقۇم بۇ ناھىيەدە 2018-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا قۇرۇلغان بىر زاۋۇتقا تۇتۇشىدىكەن. خەۋەردە تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» ھەركىتىنى ئۇيغۇرلار چوقۇم ئىشلىشى كېرەك بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك، دەپ ئىپادىلىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى ئىلگىرى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە بايقالغان تۇنجى يۇقۇمدارنىڭ زېمىن يېزىسى 3-كەنتىدىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان 17 ياشلىق قىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە بۇ زاۋۇتنىڭ «يېپىق باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، 3-كەنتتىكى «شۇچاڭ كىيىم-كېچەك زاۋۇتى» ناملىق بۇ كارخانا كىيىم-كېچەك، پەردە ۋە كارىۋات بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىرىدىغان بىر تارماق زاۋۇت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاياللارنى ئاساس قىلغان 300 دەك يەرلىك يېزا ئاھالىسى ئىشلەيدىكەن.
نۆۋەتتە 17 ياشلىق تۇنجى يۇقۇمدار قىزنىڭ ۋىرۇسنى قەيەردىن يۇقتۇرىۋالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇمدارنىڭ كارانتىنغا ئېلىنغانلىقى، يۇقۇمنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈلۈۋاتانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، يۇقۇمغا ئائىت پۈتۈن ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە يۇقۇم داۋاملىق بايقالماقتا ئىكەن. دائىرىلەر 20-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە يېڭىدىن يەنە 14 يۇقۇمدار بايقالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن يۇقۇمدارلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 197 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.