قەشقەردىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمى تېزدىن كېڭىيىشكە باشلىدى

قەشقەردە داۋام قىلىۋاتقان تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ئېشىپ بېرىش بىلەن بىرگە، كۆلەم جەھەتتىمۇ قوشنا رايونلارغا كېڭىيىۋاتقانلىقى يېڭى ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا. 3-ئۆكتەبىرگە قەدەر يېڭىدىن 13 يېڭى يۇقۇمدار بايقالغان بولۇپ، ئاساسلىق بىمارلار قەشقەر كونىشەھەر تەۋەسىدە بولۇپ كەلگەنىدى.

خىتاي باشقۇرىشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە كونىشەھەر ناھىيىسىگە قوشنا ئاقتۇ ناھىيەسىدىمۇ ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى بايقالماقتىكەن. يەنە كېلىپ ئاقتۇ ناھىيىسىدە بايقالغان ئالامەتسىز 15 بىمارنىڭ يۇقۇملىنىش يولى بىردەك كونىشەھەر ناھىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. قەشقەردىكى كېڭىيىۋاتقان يۇقۇم ئەھۋالى چەتئەل ئاخباراتلىرىدىمۇ كۆپلەپ يەر ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى يېڭىدىن بايقىلىۋاتقان ۋىرۇس يۇقۇمىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرمۇ ۋىرۇس يۇقۇمىغا دائىر ئۇچۇرلارنى دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى قاتارىدا بىر ياقلىق قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ۋىرۇسنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنىڭ زادى قانداقلىقى ئىزچىل كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا. ھازىر ھەرقايسى تىببىي ئورۇنلار ئاقتۇ، ئاتۇش، ئۇلۇغچات ۋە كونىشەھەر ناھىيىلىرى ئارىلىقىدا ۋىرۇس يۇقۇمىنى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتمەكتىكەن.