ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ يېڭىۋاشتىن ئۆرلىشى ئەندىشە قوزغىماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدا تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ يېڭىۋاشتىن ئەۋجىگە چىقىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن ئاخبارات يوللىرىدىن مەلۇم بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمۇ بىۋاستە ھالدا بۇ يۈزلىنىشنى دەلىللىمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان 21-نويابىردىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى يېڭىدىن 893 كىشىگە ئالامەتسىز يۇقۇمدار، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. يېڭىدىن كۆپەيگەن ۋىرۇس يۇقۇمدارى 18 بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى مەزگىللىدە خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرى «چوڭ جەھەتتىن ياخشىلىنىش ۋە كونترول قىلىش» نىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى مەركەز قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى ھەققىدىكى ئ‍ۇچۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى, ھەر ساھە خەلقىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تۈرلۈك ئەندىشىلىرىنى ئاشۇرۇشقا باشلىدى.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 22-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ شەھرىدە ھازىر تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ يامرىشى تېزدىن ئۆرلەۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۈچ كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا نۆۋەتتىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنى «ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ كەسكىن» دەپ تەسۋىرلەشكە باشلىغان. ئەمما خىتاي تەۋەسىدىكى يامراش بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يامراشنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقى ھازىرچە نامەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.

گەرچە ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى ھەققىدە بىر قاتار خەۋەرلەر تارقىتىلغان بولسىمۇ، تۈرلۈك ئۇچۇرلار نۆۋەتتە ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن ئىزچىل ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇشنىڭ نۆۋەتتىكى «خەلق ئۇرۇشى» بولۇپ قالغانلىقى ئالاھىدە يەر ئالغان بولۇپ، ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئەمەلىيەتتە تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە ئېيتىلغاندىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى توغرىسىدا تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.