ئامېرىكانىڭ ياردەمچى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مارىيە رويس قازاقىستاندا ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېر شاھىتلىرىنى قوبۇل قىلغان

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدە تارالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇم مەنبەسىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەن كونتەينېر (يۈك ساندۇقى) ئىكەنلىكى، يۇقۇمغا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇمدارنىڭ پىلتە بولۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۈنيۈنىڭ 25-نويابىر تەكىتلىشىچە، نۆلىنچى نومۇرلۇق كېسەللىك بىر قاچىلاش-چۈشۈرۈش ئىشچىسى بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بۇ يۇقۇمداردىن ئۇنىڭ ئايالىغا، ئايالىدىن قېينىئانىسى ۋە قېينىسىڭلىسىغا تارقالغان ئىكەن.

ئۇ يەنە شۇنىڭ بىلەن يۇقۇمنىڭ قەشقەردىكى زاۋۇتقىچە كېڭەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىلگىرى قەشقەردە تارقالغان يۇقۇمدا تۇنجى يۇقۇمدارنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى 3-كەنتىدىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان 17 ياشلىق قىز ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى. لېكىن ۋۇ زۈنيۈ يۇقۇمنىڭ بۇ زاۋۇتقا قانداق تارقالغانلىقى، 17 ياشلىق ئىشچى قىزنىڭ قانداق يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. يۇقۇمنىڭ زەمىن يېزىسى 3-كەنتىدىكى زاۋۇت ئىشچىسىدا بايقىلىشى ئەينى ۋاقىتتا يۇقۇم مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا تارقالدىمۇ، دىگەن ئەندىشە پەيدا قىلغان.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇم مەسىلىسىدە بارلىق ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىپ، كىشىلەرنىڭ يۇقۇم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىشىنى چەكلىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇمغا دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چەت ئەلگە ئارتماقتا ئىكەن. يېقىندا دائىرىلەر ۋۇخەندە پارتلىغان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنىڭ ھىندىستاندىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.