خىتاي ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتتە 30 ھەربىي ۋە ئاممىۋىي ئايرودروم قۇرماقتىكەن

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتتە 30 ھەربىي ۋە ئاممىۋىي ئايرودروم قۇرماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، خىتاينىڭ ئايرودروم قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھەربىي ۋە پۇقراۋىي ھاۋا قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتمەكچى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايرودروملارنىڭ بىر قىسمى قۇرۇلۇپ بولغان، بىر قىسمى قۇلۇرۇش باسقۇچىدا ئىكەن. خەۋەردە بۇ ئايرودروملارنىڭ قايسىي جايلارغا قۇرۇلغانلىقى ياكى قۇرۇلىۋاتقانلىقى ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھىندىستانغا چېگراداش چەت رايونلارنىڭ پۇقراۋى ۋە ھەربىي ئۇل ئەسلىھەرلىرىنى كۈچۈيتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايرودروملارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلغان ياكى قۇرۇلماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قاماش، مەجۇرىي ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە باشقا رايونلارغا يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوننىڭ ھاۋا قاتناش ئۇل ئەسلھەلىرىنىمۇ كۈچەيتكەن. يېقىندا رادىيومىز خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدا تاشقورغان ئايرودرومىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دەك ئايرودروم قۇرغان ياكى قۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ «تۆمۈر يول، تاشيول ۋە ئايرودروم ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەر، لاۋازىمەت، ۋە قورال-ياراقلارنى چېگرا رايونلارغا تېز سۈرئەتتە يۆتكەش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدىكەن.»

«ھىندىستان ۋاقتى» نىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بۇ يىل ئەسكەر توشۇش ئۈچۈن تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا 23 ھەربىي تراسىپورت لىنىيەسى ئاچقانلىقىنى بىلدۈرگەن.