خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدارى ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلى ئېلىپ بېرىلغان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە 5 يىل داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قامال قىلغان، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ خېلى زور بىر قىسمىنى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋالغان ئىدى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتتىق باستۇرۇشنى يەنە 5 يىل داۋاملاشتۇرۇشى پىكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىندا چاقىرىلغان 13-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇ، قۇرۇلتايدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا، «تېررورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» خەۋپى ئۇيغۇر رايونىدا باستۇرۇشنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇشقا ئېھتىياج بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۆھرەت زاكىر «2017-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتتى» دېگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان ئامانلىق تەدبىرلىرى يېقىندىن بېرى خەلقئارا ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئامانلىق تەدبىرلىرى قانۇنسىز ۋە خەتەرلىك بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا ئىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۆھرەت زاكىر 22-يانۋار كۈنى بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا، «شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ كەلگۈسى ھالقىلىق 5 يىلدا ھەممىدىن مۇھىم خىزمەت نىشان بولۇشى شەرت» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «ھۆكۈمەت بۇ نىشانغا يېتىشتا ھالقىلىق رايونلارنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بەزى تەدبىرلەرنى نورماللاشتۇرۇشتەك ئالاھىدە ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» كەن.