16-يانۋار كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۇچار شەھرى تەۋەسىدە 5. 6 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەش شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 16:30 ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن. خىتاي تارقتۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 16 مىڭ مېتىر بولۇپ، تەۋرەش مەركىزى كۇچار شەھەر رايونىغا 78 مىڭ مېتىر كېلىدىكەن. لېكىن خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرلىرىنىڭ دائىم بۇ خىل تەبئىي ئاپەت ياكى يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىش ۋەقەلىرىنى «ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز» دەپ قاراپ كۆزىنى يۇمىۋالىدىغانلىقى، ياكى كىچىكلىتىپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھازىرغا قەدەر 71 ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغان، 29 جايدىكى قورشاۋ تامغا چەك كەتكەن، 3 ئورۇندىكى قورشاۋ تام ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. لېكىن خەۋەردە يەنە كۇچار شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ توك، سۇ، گاز بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى، ئالاقە ئىشلىرىنىڭ نورمال كېتىۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشى دەخلىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەشكىللىنىپ، تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشىنى ئومۇميۈزلىك چەكلىگەن مەزگىلدە يۈز بەرگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا نۇرغۇن خەير-ساخاۋەتچىلەر تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ خەيرى ساخاۋەتچىلەر قانۇنسىز ئىئانە توپلاش، «تېررورلۇق» ياكى «ئەسەبىيلىك» كە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەن. خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ قېتىم ئاپەت رايونىدىكى خەلقلەرگە كونكرېت قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەچكە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئەندىشە قوزغىماقتا ئىكەن. لېكىن، «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە قارشى 4-دەرىجىلىك تەدبىر ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.