ئۇيغۇر رايونى 46 مىڭ 700 كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقنامىسىنى يېڭىدىن جەزملەشتۈرۈش ۋە تىزىملاشنى تاماملىغان

2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق يەرلىرىنى يىغىۋېلىپ، ئۆزلىرىنى خىتاي كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» گە ئايلاندۇرۇپ قويغان خىتاي دائىرىلىرى، رايوننىڭ كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يېڭىدىن جەزملەشتۈرۈش ۋە تىزىملاش خىزمىتىنى تاماملىغان. «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 15-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىقلار نازارىتى ئىككى يىل داۋام قىلغان كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يېڭىدىن جەزملەشتۈرۈش ۋە تىزىملاش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەمئىي 46 مىڭ 700 كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقنامىسىنى يېڭىدىن جەزملەشتۈرگەن ھەم تىزىملىغان. لېكىن خەۋەردە، بۇنىڭ قانچىلىك كۆلەمدىكى يەرگە چېتىلىدىغانلىقى ۋە كىملەرنىڭ كوللېكتىپ يەر ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكى ۋە يېڭىدىن تىزىملانغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

رايوندىكى كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يېڭىدىن جەزملەشتۈرۈش ۋە تىزىملاش خىزمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، مال-مۈلكى ۋە يەر-زېمىنلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، ئۆزلىرىنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىماقتا. رادىيومىز ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى تۇتقۇن قىلىنغان ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىلغۇ يەر، كېۋەزلىك ۋە مېۋىلىك باغلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، خىتاي شىركەتلىرىگە ۋە شەخسلىرىگە ئېلىپ بەرگەنلىكىگە دائىر ۋەقەلەرنى دەلىللىگەن. «تەڭرى تاغ تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىقلار نازارىتى، تەبىئىي بايلىقلار ھوقۇقىنى تىزىملاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كې جۈەنلى، كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يېڭىدىن جەزملەشتۈرۈش ۋە تىزىملاشنىڭ «يەر باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى يەر تەستىقلاش، يەر ئېلىش، يەر بىلەن تەمىنلەش، بازاردىكى كوللېكتىپ سودا قۇرۇلۇش يېرى، تەبىئىي بايلىق ھوقۇقىنى بىر تۇتاش تىزىملاش قاتارلىقلارنى مۈلۈك ھوقۇقى سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.