خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ پەسىيىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى يۇقۇمدارلارنىڭ داۋاملىق بايقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 1-سېنتەبىر كۈنى كېچە سائەت 12 گىچە رايوندا كېسەللىك ئالامىتى بار رەسمىي يۇقۇمدارلاردىن 5 كىشى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلاردىن 33 كىشى بايقالغان. دائىرىلەر رەسمىي يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يوقلاردىن كېسەللىك ئالامىتى بارلارغا ئۆزگەرگەن يۇقۇمدارلا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتى 1-سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، كېسەللىك ئالامىتى بار يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بايقالغانلىقى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلارنىڭ 15 نەپىرىنىڭ يەنىلا غۇلجا شەھىرىدىن، قالغانلىرىنىڭ ئۈرۈمچى، شىخۇ، قۇتۇبى، جىمىسار، گۇچۇڭ ناھىيەلىرىدىن بايقالغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىغان بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرى بولۇپ، ھۆكۈمەت غۇلجىدا قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. رايوندىن كەلگەن ئۇچۇرلاردىن كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ غۇلجىدىكى قارىياغاچ كەنتىگە ئوخشاش بەزى جايلاردا كىشىلەرنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ ئەھۋال يەرلىك ئاھالىلەردە كارانتىن تەدبىرلىرىگە بولغان ئاشكارا نارازىلىقنى پەيدا قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۈمكىنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل نارازىلىق ۋە تەنقىدلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ كارانتىن تەدبىرلىرىنى ئاقلاش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن. يېقىنقى بىر-ئىككى كۈندىن بېرى خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ كارانتىن تەدبىرلىرىنى ماختاپ سۆزلىگەن ۋىدېئولار پەيدا بولغان. رايوندىكى خىتاي سەھىيە تارماقلىرى 1-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىدا، 31-ئاۋغۇست كۈنى كېچە سائەت 12 گىچە رايوندىكى كېسەللىك ئالامىتى بار يۇقۇمدارلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 42 گە، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 1481 گە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.