ئۈرۈمچىنىڭ تۇدوڭخابا رايونىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يۇقۇم قامالىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى پارتلىغان

ئۈرۈمچىنىڭ تۇدوڭخابا رايونىدىكى كۆچمەن خىتايلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بىر ئىجتىمائىي رايوندا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ 25-سېنتەبىر ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇم قامالىغا قارشى نارازىلىق ھەركىتى پارتلىغان. بۇ ۋەقە خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىنى باھانە قىلىپ، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بېرى بۇ جايلاردا يولغا قويغان قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ قىسمەن بىكار قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان بىر ۋاقتتا يۈز بەرگەن.

خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى نەق مەيداندىن تارتىلغان رەسىم ۋە ۋىدېيولاردىن، شۇنداقلا چەت ئەلدىكى بەزى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-سېنتەبىر كېچىسى ۋاڭ جيالياڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلىق پۇقرالاردىن ناھايىتى نۇرغۇن كىشى تالاغا چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنى ئ‍ۆيلىرىگە ئايلارچە بەنت قىلىشتەك كارانتىن تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. دائىرىلەر بۇنىڭغا قارىتا ئاق رەڭلىك قوغدىنىش كىيىمى كىيىۋالغان نۇرغۇن ئامانلىق خادىملىرىنى يۆتكەپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن نامايىشچى ئامما بىلەن ئاق كىيىملىك ساقچىلار ۋە ئىجتىمائىي رايون خادىملىرى ئارىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىققان. رايوندىن كەلگەن ئۇچۇرلاردا، دائىرىلەرنىڭ 26-سېنتەبىر كۈنى ئاممىنىڭ بېسىمىدا تۇدوڭخابا رايونىدىكى مەزكۇر ئىجتىمائىي رايونغا قارىتىلغان كارانتىننى بىكار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا غۇلجانىڭ قارادۆڭ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە قاماپ ئاچارچىلىق پەيدا قىلىشى، ھەتتە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچلىقتىن ئ‍ۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا قارشى كوچىغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلاردىن 600 ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 25-سېنتەبىر كېچە سائ‍ەت 12 گىچە ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا قاتارلىق جايلاردا كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلاردىن 8 كىشى بايقالغان.