بۇ يىل ئۇيغۇر ئىلىدىن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار كۆپەيگەن

ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ۋە بەزى كارخانىلارنى جازالىشىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئىلىدىن ئامېرىكاغا بىۋاسىتە ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار 2021-يىلنىڭ دەسلەپكى پەسلىدە بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدىن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 113 % ئېشىپ، 64 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۇچۇرنى خىتاي دۆلەتلىك تاموژنا ئىدارىسى تەمىنلىگەن بولۇپ، بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. بۇ ئۇچۇرنىڭ ئامېرىكا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە ئېمبارگو قويغان، شۇنىڭدەك رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى چېكىلىگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھۇجۇمى باشلىغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، 1-پەسىللىك ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىدە پاختا ئاساسەن يوق بولۇپ، تىزىملىكتىكى مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى راك كېسەللىكلىرىنىڭ دورىسىغا ئىشلىتىدىغان خىمىيەلىك بىرىكمىلەر ۋە ئامىنو ئاسىدلار ئىكەن. بەزى ئانالىزچىلار، بۇ ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئۈنۈملۈك چەكلىشى بىلەن خىتاينىڭ ئېكسپورت مىقدارى باشقا كىچىك مەھسۇلاتلارغا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.