خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇمغا قارشى قامالنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا 100 كۈندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسىغا قارشى قامالنىڭ جەنۇپتىكى ۋىلات، ئوبلاستلارغىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن. چەت ئ‍ەلدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئىلگىرى غۇلجا، ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا يولغا قويۇلغان قامال قىش مەزگىلىدە جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا يۈرگۈزۈلسە، بۇنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى ئەندىشە قوزغىماقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غۇلجا قاتارلىق جايلاردا يۈرگۈزگەن يۇقۇمغا قارشى قامالى ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ، ئادەم ئۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق پارتكوم 13-نويابىر كۈنى رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرنىڭ ئېكران يىغىنى چاقىرىپ، يۇقۇمغا قارشى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي سۆز قىلىپ، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت-ئوبلاستلاردا دەسلەپكى كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلاپ، باشقا رايونلارغا تارقىلىش خەۋپى ئارتقانلىقىنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ما شىڭرۇي سۆزىدە ۋەزىيەتنى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يۇقۇمنىڭ يۇقىرىقى بۇ ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا دائىر كونكىرېت سانلىق مەلۇمات بەرمىگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر قايسى جايلار كېسەلنىڭ «سىرتقا تارقىلىشىنى كونترول قىلىش، ئىچكى قىسىمدا ئاكتىپ مۇداپىيە كۆرۈش ئومۇمىي ئىستىراتېگىيەدە تەۋرەنمەي، يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك» ئىكەن. ئۇ ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، «پۈتۈن شىنجاڭنى، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەننى بىر شاھمات تاختىسى دەپ قاراشتا چىڭ تۇرۇشى»، «تېخىمۇ قەتئىي ۋە كەسكىن بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى قەتئىي توسۇش»نى تەلەپ قىلغان. ما شىڭرۇينىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۇقۇمغا قارشى قامال پەيدىن-پەي بىكار قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، قامالنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا كېڭەيتىشنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىماقتا.