خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى قايتا ئېلان قىلىشقا باشلىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر رايوننىڭ يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشتىن بىر مەزگىل توختاپ قالغاندىن كېيىن، 16-نويابىردىن باشلاپ قايتا ئېلان قىلىشقا باشلىغان. «بىڭتۈەن» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرى 16- نويابىر كۈنى كېچە سائەت 12 گىچە رايوندا كېسەللىك ئالامىتى بار 26 نەپەر يۇقۇمدار، كېسەللىك ئالامىتى يوق 901 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، يۇقۇمغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى ئىزچىل گۇمان قوزغان كەلگەن خىتاي سەھىيە دائىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم رايوندا بىر كۈن ئىچىدە بىراقلا مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدۇر.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن رايوندا يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىي ھەم مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، قاتتىق قامال يۈرگۈزۈشى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ھەر كۈنى رايون مىقياسىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قانچە ئوندىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىچەنچىلىكلىكىگە گۇمان پەيدا قىلىپ كەلگەن ئىدى. 16-نويابىر ئېلان قىلىنغان يېڭى سانلىق مەلۇمات دائىرىلەرنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىش نىشانى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلارغا بۇرالغان، بۇ جايلاردىكى قامالنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ئەندىشە پەيدا قىلغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، رايوندا يۈرگۈزۈلگەن قامال خەلق ئاممىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ مىڭشەن بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقتاغ (شۈمىگو) رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە كونترول قىلىپ، ئۇنى يوقىتىش كۈرىشىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش»نى ئېيتقان. ھالبۇكى، ۋاڭ مىڭشەن بىڭتۇەندە يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى رولى سەۋەبلىك ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ ئىمبارگوسىغا ئۇچرىغان شەخس ئىدى.