ئەركىن تۇنىياز بىلەن ما شىڭرۈينىڭ يۇقۇمنى تىزگىنلەش «تەدبىرى» روشەن سېلىشتۇرما بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.18

خىتاي تاراتقۇلىرى تۆنۈگۈن، يەنى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالامەتلىك يۇقۇمداردىن 27 ئادەمنىڭ، ئالامەتسىز يۇقۇمداردىن 938 ئادەمنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، بىر كۈننىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىن مىڭغا يېقىن يۇقۇمدارنىڭ كۆپىيىشى دىققەت قوزغىماقتا.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، قەشقەر شەھىرىدە ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مىڭلىغان بالىلارنىڭ 100 كۈندىن بۇيان سولىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئاچ-تاماقسىز قالغانلىقى ۋە ئاغرىپ قالسىمۇ داۋالىتىلماي ياتقۇزۇپ قويۇلغانلىقى ھەققىدە ۋىدىيو تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا قەشقەر شەھىرىدىكى ئاھالىلەرگە ئوزۇق-تۈلۈك يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىدۇڭ، يېڭى تەرەققىيات رايونى قاتارلىق جايلاردىكى يۇقۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «تەمىنلەشنى ياخشىلاپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش» قا يوليورۇق بەرگەن بولسا؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان سايباغ رايونى قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش، دائىملىق كارانتىن قىلىشنى بۇيرۇغان. بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئىككى رايونغا تۇتقان پەرقلىق سىياسىتى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا قارىغاندا، تېخىمۇ ئېغىر كۈنگە قالىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.   

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.