ئامېرىكىدىكى ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزى يېقىندا، خىتاينىڭ 1957-1958-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىگە ئائىت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ بىرى سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىراق شەرق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زىمىيانىننىڭ 1958-يىلى، 22-فېۋرال كۈنى ھازىرلىغان «شىنجاڭدا (خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى) يەرلىك مىللەتچىلىكنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا» دەپ ئاتالغان.
مەزكۇر ھۆججەت سوۋېت ئىتتىپاق كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك ئەللەردىكى كوممۇنىستىك ۋە ئىشچىلار پارتىيەلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش بۆلۈمى باشلىقى، يەنى 1970-80-يىللاردا ك گ ب ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى باش سېكرېتارى بولغان يۇرىي ئاندروپوۋقا يوللاپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ھۆججەت 1957-يىلى 12-ئايدا باشلىنىپ، 1958-يىلى، 2-ئايدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ دەسلەپكى خۇلاسە ئەھۋالىدىن ئىبارەتتۇر.
ھۆججەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىدىكى كونسۇلخانىلىرى توپلىغان ماتېرىياللار ئاساسىدا مەزكۇر دوكلاتنىڭ ھازىرلانغانلىقى قەيت قىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ياكى ھېچ بولمىغاندا خىتاي تەركىبىدىكى خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىگە ئوخشاش ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پىكرىدە ئىكەنلىكى مەلۇم قىلىنىدۇ. دوكلاتتا: «شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتچىلەرنىڭ پوزىتسىيىسى تۆۋەندىكىلەرگە مەركەزلىشىدۇ. ئۇلار شىنجاڭدا مۇستەقىل ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى، يەنى ‹ئۇيغۇرىستان› قۇرۇشنى ۋە ياكى خىتاي تەركىبىدىكى جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر شىنجاڭدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئاپتونومىيە، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچىدىن ئىبارەتتۇر دەيدۇ» دېيىلگەن.
دوكلاتتا زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئابدۇرېھىم سەئىدى ۋە باشقا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «يەرلىك مىللەتچىلىك» خاھىشىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.