3-ئاينىڭ 22-كۈنى، خىتايچە «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىدا چىققان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىغا سېلىۋاتقان مەبلىغىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان؛ 2023-يىل 400 تۈرلۈك چوڭ قۇرۇلۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 2 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالماقچى بولغان.
400 تۈرلۈك چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنچى تۈرى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سۇ مەنبەلىرى، يول-كۆۋرۈك، قاتناش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا، ئىككىنچى تۈرى، نېفىت، كۆمۈر، يېڭى ئېنىرگىيە، پاختا-توقۇمىچىلىق ساھەسىنى گۈللەندۈرۈشكە، ئۈچىنچى تۈرى، پەن-مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلاننى تاماملاشقا 300 مىليارد يۈەندىن كۆپ پۇل ئاجرىتىدىكەن.
خىتاينىڭ بۇ غايەت زور سوممىلىق مەبلەغ سېلىش پىلانى «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش» دېگەن شوئار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن ھەمدە بۇ قۇرۇلۇشلار «بىر بەلۋاغ بىر يول» دىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد تۈگۈن ھېسابلانغان بۇ رايوننىڭ خىتايدىكى ئورنىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىلى» جاڭ چۈنلىن قۇرۇلتايدا بەرگەن پىكىر-تەكلىپىدە، «شىنجاڭغا مەبلەغ سالغانلىق، خىتاينىڭ كېلەچىكىگە مەبلەغ سالغانلىقتۇر» دېگەن.
ئۇيغۇرلار بۇ غايەت زور كۆلەمدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، جاڭ چۈنلىن تىلغا ئالغان سانائەت باغچىلىرى ۋە ئادەم كۈچىگە ئېھتىياجلىق نۇرغۇن زاۋۇتلار ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىلىرى ئىكەن.