خىتاينىڭ مەركەز كارخانىلىرى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن 183 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىغان

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، 28-ئىيۇل كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىدە «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى» ئېچىلغان. يىغىندا، خىتاينىڭ 25 مەركەز كارخانىسى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بىلەن 183 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، 2028-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن939 مىليارد 571 مىليون يۈەن كەسىپلەر مەبلەغ سېلىنمىسى تاماملىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئېنېرگىيە سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 23 تۈرگە مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇ كۆمۈردىن ماي ئېلىش، كۆمۈردىن گاز ئېلىش، يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە چوڭ بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.

خىتاي نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت-تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش، نېفىت چەككىلەشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 چوڭ تۈردە ئىش باشلاشنى پىلان قىلغان. خىتاي لۈفا سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بولسا شامال، يورۇقلۇق يېڭى ئېنېرگىيەسى ۋە مېھمانساراي قۇرۇلۇشى تۈرىگە مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، قەشقەر، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا ھەمدە سايرام كۆلى، تەڭرىتاغ ۋە بوغدا كۆلى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ئون مېھمانساراي سېلىشنى پىلانلىغان.

يۇقىرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان «سەككىز چوڭ كەسىپ گەۋدىسى» نى نۇقتىلىق چۆرىدىگەن ئاساستا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، «تەڭرىتاغ تورى» خەۋىرىدە بۇنى «شىنجاڭ بىلەن خىتاي مەركەز كارخانىلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرى» دەپ كۆرسەتكەن.

-7ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيەسى 20-قېتىملىق-3ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى؛ خىتاي ئىقتىسادى داۋاملىق چېكىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تەرەققىيات نىشانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا توسقۇنلۇق ۋە رىقابەتنى قانداق بۆسۈپ ئۆتۈش، ھەر ۋاقىت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كىرىزىس ۋە توقۇنۇشلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش دېگەنلەرنىڭ پىلانىنى سوققان.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيەسىگە ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشۇرۇۋېتىش ئەندىشىلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.